ئەردوغان: تۈركىيە ھەر دائىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدا

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «تۈركىيە تارىختىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ دۆلەت ۋە خەلق سۈپىتىدە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرماقتا» دېدى.

2070683
ئەردوغان: تۈركىيە ھەر دائىم پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېنىدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 29-نويابىر خەلقئارا پەلەستىن خەلقىگە ھېسداشلىق قىلىش كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى.

ئۇچۇرىدا: «تۈركىيە تارىختىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ دۆلەت ۋە خەلق سۈپىتىدە پەلەستىنلىك قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا (تۇرماقتا)» دېگەن ئەردوغان، سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزنىڭ غەززەلىك قېرىنداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىمىز داۋاملاشماقتا. بۈگۈنگە قەدەر 12 ئايروپىلان ۋە بىر پاراخوت ياردەم ئەشيامىزنى ئەلئەرشكە يوللىدۇق. 1500 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماتېرىيالى بېسىلغان ئىككىنچى پاراخوتىمىز بۈگۈن يولغا چىقتى. راك بىمارلىرى بىلەن بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يارىلانغانلارنى تۈركىيەگە يۆتكەپ داۋالاش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتىمىز. غەززەگە قۇرىدىغان دالا دوختۇرخانىسىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ دائىمىي بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان ئالاقىمىزنى كۈچەيتىمىز. خۇدايىم بۇيرۇسا، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تىرىشچانلىقىمىز كۆپ تەرەپلىملىك ھالەتتە داۋاملىشىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر