تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئىسرائىلىيەنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە داغلارنى قالدۇرغان غەززەدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن ھامان بىر كۈنى يۈزلىشىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2070808
تۈركىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە يىغىن چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى تەرىپىدىن جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىلغان باياناتتا، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە پ ك ك / ك ج ك – پ ي د / ي پ گ، فەتۆ، دائېش قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى خەلقنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىكى بىلەن دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارشى ھەر خىل تەھىت ۋە خەۋپلەرگە قارىتا قەتئىيلىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان غەلىبىلىك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا دوكلات سۇنۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىسرائىلىيە غەززەگە قاراتقان 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ھۇجۇملاردا تەخمىنەن 16 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئىسرائىلىيەنىڭ تارىخ سەھىپىسىدە داغلارنى قالدۇرغان غەززەدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى بىلەن ھامان بىر كۈنى يۈزلىشىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ بىگۇناھ پۇقرالارنى كوللېكتىپ ھالەتتە يوقىتىشنى نىشان قىلغان ھۇجۇملار ۋە غەززە زېمىنىنى ئىشغال قىلىشلارنى كېچىكتۈرمەستىن توختىتىشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ يۆنىلىشتە ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەندى. ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى بىلەن قىرغىنچىلىقنى قوللىغان كۈچلەرگە؛ بۇ قەبىھ ھۇجۇملارغا كېچىكمەستىن خاتىمە بېرىلمىگەن تەقدىردە، تەسىرى نەچچە ئەۋلاد داۋام قىلىدىغان، ھەتتا رايون سىرتىغا يامراپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان زوراۋانلىق دولقۇنىنى قوزغىشىنىڭ مۇمكىنلىكى، مەڭگۈلۈك تىنچلىقنىڭ 1967 – يىل چېگرالىرىنى ئاساس، شەرقىي قۇددۇسنى پايتەخت قىلغان مۇستەقىل، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك پۈتۈنلۈككە ئىگە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى  ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، يىغىندا يەنە، ئىراق بىلەن بولغان ھەمكارلىق، كەركۈكنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە تۈركمەنلەر ئەھۋالى، ئەزەربەيجان-ئەرمېنىيە سۆھبەتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك تىنچلىق كېلىشىمى بىلەن ئاخىرلىشىشى، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ رايون ۋە دۇنيا سىياسىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى قاتارلىقلارمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر