فىدان نيۇيوركتا قويۇق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززەدە ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن توقۇنۇشلارنى توختىتىش ئېلان قىلىشقا جىددىي ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلىدى.

2070810
فىدان نيۇيوركتا قويۇق دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى
Fidan-Temas Grubu-Guterres.jpg
Fidan-Temas Grubu-Vang Yi.jpg
fidan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر خاقان فىداننىڭ ئىسرائىلىيە – پەلەستىن توقۇنۇشىنى توختىتىپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بويىچە سۆھبەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نيۇيوركقا بارغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، مىنىستىر فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلىشىپ قۇرغان ئالاقە گۇرۇپپىسىغا ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ۋە ب د ت باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېررېس قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشۈپ، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىش، رايوندا ئادىل ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

فىدان نيۇيوركتىكى ب د ت بىناسىدا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى بىرلەشمە ئالاقە گۇرۇپپىسى بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.

ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قانۇنىي ۋە ئەخلاق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى جاپالىق ئىشلەۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان فىدان: «مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئەخلاقىي كومپاسمىزنى يوقىتىپ قويساق، ئىنسانلىق يۆنىلىشىمىزنى يوقىتىمىز» دېگەن.

ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ساھەلەردە زۆرۈر بولغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز جىددىي ئۇرۇش توختىتىشقا، جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئىسرائىلىيە-پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى تېزدىن تېپىپ چىقىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىشنىڭ چارىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر