تۈركىيە يەنە بىر تۈركۈم غەززەلىك بىمارلارنى ئەكېلىپ داۋالايدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا غەززەدىن تارقاقلاشتۇرۇلغان كۆپ سانلىقى بالىلاردىن تەركىب تاپقان بىر تۈركۈم بىمارلارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىش تەييارلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

2069990
تۈركىيە يەنە بىر تۈركۈم غەززەلىك بىمارلارنى ئەكېلىپ داۋالايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر كوجا ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا غەززەلىك بىمارلارنى تۈركىيە ئېلىپ كېلىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «غەززەدىكى خادىملىرىمىز بۈگۈن ئەتىگەندە ئۈچ رايوننىڭ ئىككىسىدىكى خىزمىتىنى تاماملىدى. بۇ تەكشۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، دالا دوختۇرخانىلىرىمىزنىڭ قايسى جايلارغا قۇرۇلىدىغانلىقى ۋە ساغلاملىق مۇلازىمەتلىرى ئۇل ئەسلىھەلىرى توغرىسىدا قارار قىلىمىز. يەنە بىر تەرەپتىن، ئەتە كۆپىنچىسى بالىلاردىن تەركىب تاپقان يەنە بىر تۈركۈم (غەززەلىك) بىمارنى تۈركىيەگە ئېلىپ كېلىشكە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر