فىدان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 28-، 29-نويابىر كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلغا بارىدۇ.

2069646
فىدان ناتو تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، يىغىن دائىرىسىدە «ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە غەززەدىكى پاجىئە داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە»، ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، بالقان رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىدىغانلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى دەرىجىلىك تۇنجى نۆۋەتلىك ناتو -ئۇكرائىنا كېڭەش يىغىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، فىداننىڭ يىغىن مۇناسىۋىتى بىلەن، بىر قىسىم كەسىپداشلىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر