ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورلۇق نىشانى بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

2068679
ئىراقنىڭ شىمالىدا 17 تېررورلۇق نىشانى بىتچىت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، پ ك ك / ك ج ك ۋە باشقا تېررورلۇق ئۇنسۇرلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق ئىراقنىڭ شىمالىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيەگە ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قارشى قىلىنىدىغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەقسىتىدە ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى؛ ھەرىكەتنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 51-  ماددىسىدا كۆرسىتىلگەن «يوللۇق مۇداپىئەلىنىش ھوقۇقى» دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «2023 – يىلى 11 – ئاينىڭ 24 – كۈنى سائەت 20:00 دە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى گارا، مەتىنا، خاكۇرك ۋە قاندىل رايونلىرىدىكى تېررورلۇق نىشانلىرىغا قارشى ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىۋاتقان ۋە ئىچىدە ئاتالمىش تېررورچىلار كاتتىباشلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئېنىقلانغان غار، پاناھلىنىش ئورنى ۋە ئىسكىلاتلاردىن تەركىب تاپقان 17 نىشان بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

ئاساسىي جەھەتتىن يەرلىك ئوق – دورىلار ئىشلىتىلىپ ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا، نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى. ئالىيجاناب مىللىتىمىزنىڭ باغرىدىن چىققان تۈركىيە ئارمىيەسى، بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھازىرمۇ دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن  كۈرىشىنى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە داۋاملاشتۇرىدۇ. بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا، بىگۇناھ پۇقرالار، دوست كۈچلەر، تارىخىي، مەدەنىيەت بايلىقلىرى ۋە مۇھىتقا زىيان يېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر