سۈرىيەدە 649 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئارمىيەسى (2023 – يىلى) 15 – ئاۋغۇستتىن 23 – نويابىرغىچە بولغان جەرياندا، سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان 649 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.

2068765
سۈرىيەدە 649 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرات قالقىنى، زەيتۇن شېخى، تىنچلىق بۇلىقى ۋە باھار قالقىنى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى دۇنيادا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە غەلىبىلىك ئېلىپ بارغان تۈركىيە ئارمىيەسى سۈرىيە ھەربىي ھەرىكەت رايونىدىكى ۋەزىپىسىنى ئۇتۇقلۇق ئورۇندىماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ (2023 – يىلى) 15 – ئاۋغۇستتىن 23 – نويابىرغىچە بولغان جەرياندا، سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغان 606 سى پ ك ك / ك ج ك – پ ي د / ي پ گ ئەزاسى، 43 نەپىرى دائېش ئەزاسى بولۇپ، جەمئىي 649 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئوخشاش مەزگىلدە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنغان 1048 تەرتىپسىز كۆچمەن قولغا چۈشۈرۈلگەن.

قولغا چۈشۈرۈلگەنلەرنىڭ 41 نەپىرىنىڭ پ ك ك، بەشىنىڭ دائېش، ئىككىسىنىڭ ماركىسىزمچى – لېنىنىزمچى كوممۇنىست پارتىيەسى ۋە 162 نەپىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

بۇنىڭدىن باشقا، چېگرالاردىن قانۇنسىز ھالدا ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان 53890 تەرتىسپز كۆچمەن توسۇپ قېلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر