فىدان: تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەگە بېسىم قىلىشى كېرەك

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان غەززەدە پۈتۈنلەي ئۇرۇش توختىتىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىسرائىلىيەگە بېسىم قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2067870
فىدان: تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەگە بېسىم قىلىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان  ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە پايتەختى لوندون ۋە فىرانسىيە پايتەختى پارىژدىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋامىدا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

 «پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ نىشانى غەززەدە پۈتۈنلەي ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش بولۇشى كېرەك. ئىسرائىلىيەگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان دۆلەتلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىلىشى ئۈچۈن چوقۇم ئىسرائىلىيەگە بېسىم قىلىشى كېرەك.»

غەززەدە توقۇنۇشلار «ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ۋاقىتلىق توختىتىلغان» مەزگىلدە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ توقۇنۇشلارنى پۈتۈنلەي توختىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە دىپلوماتىك ئالاقىلىرىنى تېزلەتتى.

مىنىستىر فىدان سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسال بىن فەرھان، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەيمەن ئەسسەفەدى،  مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سامىھ شۈكرى، ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېتنو مارسۇدى، پەلەستىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ئەلمالىكى، نىگېرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يۈسۈپ تۇگگار، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى باش كاتىپى ئەھمەد ئەبۇ غەيت قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپقان ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسى بىلەن بىرلىكتە لوندوندا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋىد كامېرون بىلەن كۆرۈشتى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى پارىژدا فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاتېرىنې كولوننا بىلەنمۇ كۆرۈشتى، شۇنداقلا پارىژ ۋە لوندوندىكى ئۇچرىشىشلىرى داۋامىدا، غەززەدە دەرھال ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ۋەكىللەر ئۆمىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ يۆنىلىشتە ئۈنۈملۈك ھەم جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، شۇنداقلا غەززەنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى، يېمەك – ئىچمەك، سۇ، يېقىلغۇ ۋە توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئۇچرىشىشلاردا ئىسرائىلىيەنىڭ جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمۇۋالماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئىسرائىلىيەگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بارلىق دۆلەتلەرنى خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا، كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق ئورنىتىش ۋە مەسىلىنى ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارەسى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى، بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر