غەززەدىن يەنە 61 بىمار ۋە ئۇلارنىڭ 49 ھەمراھى ئەنقەرەگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ

سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا غەززەدىن يەنە 61 بىمار ۋە ئۇلارنىڭ 49 ھەمراھىنى ئەنقەرەگە يۆتكەپ كېلىش ئىشلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.

2066206
غەززەدىن يەنە 61 بىمار ۋە ئۇلارنىڭ 49 ھەمراھى ئەنقەرەگە يۆتكەپ كېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا ئىجتىمائىي ئالاقە ئادرېسىدا بۈگۈن (20-نويابىر) كەچتە يەنە 61 بىمار ۋە ئۇلارنىڭ 49 ھەمراھىنىڭ غەززەدىن مىسىرغا يۆتكەپ كېلىنگەنلكىنى بىلدۈرۈپ: «پىلان بويىچە، ئارىشتىكى دوختۇرخانىدا كېچىلەيدىغان بىمارلارنى ئەتىگەندە ئايروپىلان بىلەن ئەنقەرەگە يۆتكەپ كېلىش پىلانلاندى. غەززەلىك ھەر بىر بىمارنى داۋالاش، قېرىنداشلىرىمىز شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ يارىلانغان ۋىجدانى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىز» دېدى.

ئالدىنقى ھەپتىمۇ غەززەدىن يۆتكەپ كېلىنگەن بىر قىسىم راك بىمارلىرى ھەمراھ بولغۇچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەنقەرەدىكى دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر