ئەردوغان رۇمېنىيە باش مىنىستىرى سېئولاكۇ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇمېنىيەدە ياشايدىغان تۈركلەر ۋە تۈرك-تاتار ئاھالىسىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «دوستلۇق كۆۋرۈكى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2142637
ئەردوغان رۇمېنىيە باش مىنىستىرى سېئولاكۇ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولغان رۇمېنىيە باش مىنىستىرى سىئولاكۇ بىلەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئەردوغان رۇمېنىيە بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ ئۇدا ئىككى يىل 10 مىليارد دوللار سەۋىيەسىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، نۆۋەتتىكى نىشاننىڭ بۇنى 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇمېنىيە بىلەن ھەم ئىككى تەرەپلىك ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو بايرىقى ئاستىدا ئورتاق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشقانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان: «بىز پ ك ك ۋە فەتۆ قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە رۇمېنىيەدىن نېمىلەرنى كۈتۈدىغانلىقىمىزنى ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر بىلەن ئورتاقلاشتۇق» دېدى.

تۈركىيەنىڭ رۇمېنىيەدە ياشايدىغان تۈركلەر ۋە تۈرك-تاتار ئاھالىسىنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى «دوستلۇق كۆۋرۈكى» دەپ قارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان: «بىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ رۇمېنىيە جەمئىيىتى بىلەن ئىناق ياشىغانلىقىدىن خۇشالمىز. بىر بۇنىڭغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن رۇمېنىيە دائىرىلىرىگە رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىزنىڭ رۇمېنىيە پۇقرالىرىنىڭ كىملىكلىرى بىلەنلا دۆلىتىمىزنى ساياھەت قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان بەلگىلىمىنى يولغا قويغانلىقىمىزنى ئامما بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. بىز بۇ ئارقىلىق كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

رۇمېنىيە باش مىنىستىرى مارسېل سىئولاكۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «بىز شۇنى دېيەلەيمىزكى، تۈركىيە بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى سىرتىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي شېرىكىمىز، ناتودىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ بىرى، رايوندىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە شېرىكىمىز، ياخشى قوشنىمىز ۋە بىر دوستىمىز» دېدى.

بۇ جەرياندا، ئەردوغان بىلەن مېھمان باش مىنىستىر مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن ۋە تۈركىيە-رۇمېنىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتناشتى. ئارقىدىن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن رۇمېنىيە باش مىنىستىرى سىئولاكۇنىڭ ھۇزۇرىدا 6 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر