مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى يادىن بۇلۇتنى ئۇجۇقتۇردى

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) ئىراقنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە پۇل يۇيۇش ئىشلىرى مەسئۇلى يادىن بۇلۇتنى ئۇجۇقتۇردى.

2063113
مىللىي ئىستىخابارات ئىدارىسى يادىن بۇلۇتنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (MIT) ئىراقنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ك ج ك نىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى ۋە پۇل يۇيۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەزاسى «رىزگار سۇۋار» يالغان ئىسىملىك يادىن بۇلۇتنى بىر تەرەپ قىلدى.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگە ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، تېررورچى يادىن بۇلۇت 2015- يىلى پ ك ك / ك ج ك نىڭ تاغدىكى ئۇنسۇرلىرىغا قېتىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى قاندىل ۋە خاكۇرك-ئاۋاشىن قاتارلىق جايلاردىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغان.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئاساسلىق كىرىم مەنبەسىنىڭ بىرى بولغان زەھەرلىك چېكىملىك ​​ئەتكەسچىلىكى بىلەن پۇل ئاقلاش ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرۈۋاتقانلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان يادىن بۇلۇتنى، ئىراقنىڭ شىمالىدا زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئەسنادا بىر تەرەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر