تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقتا يەنە بىر تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئاتالمىش باشلىقلىرىدىن «تېكوشىن جىزرە» يالغان ئىسىملىك ئايشە ئارسلان ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا ئۇجۇقتۇرۇلدى.

2061389
تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى ئىراقتا يەنە بىر تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى 2004 – يىلى پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقان، 2014 – يىلى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە قانىتى پ ي د / ي پ گ سېپىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان ئايشە ئارسلاننى يېقىندىن كۆزىتىشنى باشلىغانىدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ ئاتالمىش ​​خاكۇرك  مەسئۇلى ئارسلان، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا ئېلىپ بېرىلغان «نۇقتىلىق» زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر