خاقان فىداننىڭ غەززە دىپلوماتىيەسى داۋاملاشماقتا

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان گوللاندىيە ۋە چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى توغرىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

2061159
خاقان فىداننىڭ غەززە دىپلوماتىيەسى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئالدى بىلەن گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خانكې برۇيىنس سلوت بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىدان بىلەن گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خانكې برۇيىنس سلوتنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

مىنىستىر فىدان گوللاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى خانكې برۇيىنس سلوتقا، دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ تېزدىن غەززەگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېيتقان. شۇنداقلا غەززەدە بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكنىڭ رايون كرىزىسىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، فىدان قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى قايتا جانلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن.

خاقان فىدان كېيىنچە چېخىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جان لىپاۋىسكىي بىلەنمۇ تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

 ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

فىدان تېلېفون سۆھبىتى ئەسناسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە پۇقرالىرىغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ تېزدىن غەززەگە يەتكۈزۈپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر