ئەردوغان: تېخىمۇ تەڭپۇڭ دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېخىمۇ تەڭپۇڭ دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش ئۈچۈن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2143989
ئەردوغان: تېخىمۇ تەڭپۇڭ دۇنيا تەرتىپى ئورنىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇلدىكى «لۈتفى قىردار خەلقئارا قۇرۇلتاي ۋە كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئالباراكا ئىسلامىي پۇل - مۇئامىلە باشلىقلار يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۇنيانىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئاساسى ھەر بىر يېڭى ئۆزگىرىشنىڭ ئالدىدا تېخىمۇ قاتتىق تەۋرىنىۋاتىدۇ. شۇنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى، دۇنيا تەرتىپىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى يوقالدى، ھەممە ياقنى ئېنىقسىزلىق قاپلاپ كەتتى، مۇقىمسىزلىق ۋە مالىمانچىلىق دۇنيانىڭ ئاساسلىق رەڭگىگە ئايلاندى. ‹كوۋىد – 19› يۇقۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەيرانچىلىقلار تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا، رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى پارتلىدى، ئارقىدىنلا 7-ئۆكتەبىر غەززە كرىزىسى يۈز بەردى.»

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە سەككىز ئايغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا يۈرگۈزگەن ئاممىۋى قەتلىئاملارنىڭ دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاجىزلىقىنى نامايەن قىلىپ، مەۋجۇت خەلقئارالىق ئورگانلارغا بولغان ئىشەنچنى تەۋرىتىۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار ئورگانلارنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئادالەت ھەم مۇقىملىقتىن تولىمۇ يىراق ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ھازىر دۇنيادا مەزلۇملارنى قوغدايدىغان، زالىملارغا <توختاپ تۇر> دېيەلەيدىغان، زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ھېچقانداق بىر رەسمىي ئورگان يوقتۇر. چۈنكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىزگە  خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنىڭ كاپالەتچىسى ئىكەنلىكى تەكىتلىنىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلار نۆۋەتتە تولىمۇ ناتىۋان ھالەتتە تۇرماقتا.»

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇزۇندىن بۇيان، دۇنيا تەرتىپىنىڭ بۈگۈنكى رېئاللىق ئاساسىدا باشتىن – ئاخىر قايتا ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ <دۇنيا بەشتىنمۇ چوڭ> ئېنىقلىمىمىز دۇنيا تەرتىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە غەززە قىرغىنچىلىقى بىلەن بۇ مۇقەررەر بولۇپ قالدى. شۇ ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يېتىش ۋە قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرمىزكى، دۇنيا ناھايىتى چوڭ بىر يېزا – كەنتكە ئايلانغان بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت چېگرالىرى ۋە مۇساپىلەر بىزنى قوغدىيالمايدۇ.»

ئۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئۇدا 8 ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ كۆز ئالدىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك قەتلىئاملارنىڭ دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئاجىزلىقىنى نامايەن قىلىپ، مەۋجۇت خەلقئارالىق ئورگانلارغا بولغان ئىشەنچنى تەۋرىتىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا تەرتىپىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار ئورگانلارنىڭ قۇرۇلمىسىنىڭ ئادالەت ھەم مۇقىملىقتىن تولىمۇ يىراق ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر