تۈركىيە پاكىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
![تۈركىيە پاكىستاندا مەيدانغا كەلگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f86a/650f/535e/5d0f224e53c40.jpg?time=1718833042)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى پاكىستاندا 14 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.
پاكىستاننىڭ بالۇچىستان ئۆلكىسىنىڭ گۋادار شەھىرىدە تۈنۈگۈن تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ، 14 ئەسكەرنىڭ شېھىت بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چوڭقۇر قايغۇرۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «بىز بۇ قەبىھ تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەيمىز، ئاللاھتىن شېھىتلەرگە رەھىم – شەپقەت تىلەيمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورايمىز. تېررورىزمغا قارشى ئورتاق كۈرىشىمىزدىكى دوست ۋە قېرىنداش پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىمىزنى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
تۈنۈگۈن پاكىستاننىڭ گۋادار رايونىدا بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئولتۇرغان ئىككى ماشىنا ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 14 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
ھازىرغىچە ھېچكىم بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718833043)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718833043)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.