خاقان فىداننىڭ غەززە دىپلوماتىيەسى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان گىرېتسىيە، ئىيوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، غەززەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

2059206
خاقان فىداننىڭ غەززە دىپلوماتىيەسى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىدان گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يورگو گېراپېترىتىس، ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ئەيمان سافادى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرھان بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشكەن.

تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرى 7-ئۆكتەبىر(2023) شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى. غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە مىڭلىغان راكېتامىيوت ئېتىلغان، قوراللىق گۇرۇپپىلارمۇ رايوندىكى ئولتۇراق رايونلارغا بېسىپ كىرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بولسا، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززە شەھىرىگە «تۆمۈر قىلىچ ھەرىكىتى» قوزغىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززە رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇملار داۋامىدا، 315 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1400 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىك ئۆلگەن، 5132 كىشى يارىلانغان.

10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇيان غەززە رايونىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 16 گە يەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتچىسى دانىيال خاگارىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاماسنىڭ ھەربىي قانىتى بولغان قاسسام بىرىگادىلىرىنىڭ قولىدا 240 ئىسرائىلىيەلىك ئەسىر بار ئىكەن.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا 9 مىڭغا يېقىن كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 22 مىڭ ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر