خاقان فىدان بۈگۈن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا زىيارەتتە بولىدۇ

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىسلاھاتى» تېمىلىق مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، بۈگۈن (2023-يىلى 2 – نويابىر) گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا زىيارەتتە بولىدۇ.

2059373
خاقان فىدان بۈگۈن گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «مىنىستىرىمىز خاقان فىدان گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساھىبخانلىقىدا 2- نويابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان <ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىشى ۋە ئىسلاھاتى> تېمىلىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن، گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا زىيارەتتە بولىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا ۋە ئەزالىققا نامزات دۆلەتلەر تەكلىپ قىلىنغان بۇ يىغىندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كېڭىيىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاساسلىق دىنامىكلىرى شۇنداقلا ھەم ئىتتىپاقنىڭ ھەم نامزات دۆلەتلەرنىڭ تاشلىشى كېرەك بولغان قەدەملەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، مىنىستىر فىداننىڭ يىغىندىن ئىلگىرى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالىنا بايېربوك بىلەن ئايرىم ئۇچراشقاندىن باشقا، يىغىن دائىرىسىدە بىر قىسىم مەنسەپداشلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر