ئەردوغان: ھەر بىرى خەلقىىز ئۈچۈن ئىپتىخارلىق ئابىدەسى بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمىز

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ 100 – يىلىغا ھەر بىرى تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىپتىخارلىق ئابىدەسى بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق قەدەم تاشلاۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2057904
ئەردوغان: ھەر بىرى خەلقىىز ئۈچۈن ئىپتىخارلىق ئابىدەسى بولغان خىزمەتلەرنى ئىشلەۋاتىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، تۈركىيەنىڭ 100 – يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى:

«ھەر بىرى ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ئىپتىخارلىق ئابىدەسى بولغان مىسلىسىز خىزمەتلەرنى ئىشلەش، ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100-يىلىغا قەدەم تاشلاۋاتىمىز. جۈملىدىن جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ 100-يىلىغا تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ گۈللەنگەن ۋە تېخىمۇ نوپۇزلۇق بىر دۆلەت سۈپىتىدە قەدەم تاشلاۋاتىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر