تۈركىيە غەززەگە يەنە ئىككى ئايروپىلان بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتتى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى غەززە ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە يەنە ئىككى ئايروپىلاننىڭ مىسىرغا ئەۋەتىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
![تۈركىيە غەززەگە يەنە ئىككى ئايروپىلان بىلەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/9e86/de45/740a/6536f5450aeac.jpg?time=1718771472)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:
«غەززە ئۈچۈن تەييارلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى داۋاملىق مىسىرغا يەتكۈزۈپ بېرىۋاتىمىز. تۈنۈگۈن (23-ئۆكتەبىر) ئىككى ئايروپىلان ئەۋەتىلگەنىدى. بۈگۈن (24-ئۆكتەبىر) مۇ يەنە غەززە ئاھالىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى قاچىلانغان ھاۋا ئارمىيىمىزگە تەۋە ئىككى ئايروپىلان، ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 06.00 ۋە 07.30 دە ئەنقەرەدىن مىسىرغا قاراپ كۆككە كۆتۈرۈلدى.»
بۇ جەرياندا، غەززەگە ياردەم بېرىشكە بارغان دوختۇرلار ۋە سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىرى بولغان تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى باش دىرېكتورى سەلامى قىلىچ، تۈركىيەنىڭ غەززەلىك يارىدارلارغا ياردەم بېرىش دائىرىسىدە، رايوندا ئىككى دالا دوختۇرخانىسى قۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
ئۇ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەلەپلىرىنىڭ تېخى قوبۇل قىلىنمىغانلىقىنى، شۇڭا پەقەت تۈركىيە ئەترەتلىرىنىڭلا رايونغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718771472)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718771472)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.