فىدان: تۈركىيە رايونلۇق مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدۇ

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن رايونلۇق مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش چارەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2054971
فىدان: تۈركىيە رايونلۇق مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسىنى قوللايدۇ
Ararat Mirzoyan-Hakan Fidan.jpg
hakan fidan-ibrahim reisi.jpg
hakan fidan-tahran1.jpg
hakan fidan-tahran.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئىران پايتەختى تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن «جەنۇبىي كاۋكاز رايونلۇق ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، رايوندا ئۇزۇن مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن قۇرۇلغان «جەنۇبىي كاۋكاز رايونلۇق ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىغا، ساھىبخان دۆلەت ئىراندىن باشقا، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى بايان قىلىندى.

باياناتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ يىغىندا بەزى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى:

«مىنىستىرىمىز يىغىندا مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئورنىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن رايونلۇق مەسىلىلەرنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىش چارەسىنى قوللايدۇ. <جەنۇبىي كاۋكاز رايونلۇق ھەمكارلىق مۇنبىرى> خەلقئارا جەمئىيەتكە رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز مەسىلىلىرىنى ئۆزى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى نامايان قىلىش جەھەتتىنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. رايوندىكى ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنىڭ ئالدىدىكى توسالغۇلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلىنىشى خۇشاللىنارلىق ئەھۋال. رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ يولى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغۇسى كەڭ دائىرىلىك تىنچلىق كېلىشىمىدىن ئۆتىدۇ، دەرۋەقە بۇ رايونلۇق قاتناش ئالاقىلىرىنىڭ نورماللىشىشى ۋە تىنچلىق مۇساپىسىنىمۇ تېزلىتىدۇ.»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھيان، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان قاتناشقان يىغىندىن كېيىن، بىرلەشمە باياننامە ئېلان قىلىندى.

باياننامەدە ئەسكەرتىلىشىچە، يىغىندا، رايوندا ئىشەنچ تۇرغۇزۇش، ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن، داۋاملىق «3 + 3» فورماتسىيەسىدىكى رايونلۇق مېخانىزمىنىڭ قەرەللىك يىغىنلىرىنى چاقىرىش توغرىلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

كېلەر قېتىملىق «جەنۇبىي كاۋكاز رايونلۇق ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىنىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

باياننامەدە، ئىختىلاپلارنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش، سىياسىي مۇستەقىللىق، زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئالدىن بېكىتىلگەن چېگرالارنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىماسلىقى، تەھدىت ياكى زورلۇق ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى. ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىش، خەلقلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىشتىكى ئىجابىي رولى ئالاھىدە تەكىتلەندى. مەدەنىيەت ھەمكارلىقى، مائارىپ، ئىلىم-پەن، ساياھەت، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە ساھەلىرىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش، بىرلەشمە لايىھەلەرنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقى تىلغا ئېلىندى. شۇنداقلا رايوننىڭ مۇقىم تىنچلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك كېڭىشىش ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قارار قىلىندى.

مىنىستىر فىدان تېھراندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە، ئىران پىرېزىدېنتى ئىبراھىم رەئىسى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى، ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزويان بىلەنمۇ كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر