خاقان فىدان قاھىرەدىكى «قاھىرە تىنچلىق باشلىقلار يىغىنى» قاتناشقۇچىلىرىغا خىتاب قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، «(ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى) ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، جۇغراپىيىلىك بىر ئەۋج ئېلىش بىلەن پۈتكۈل يەر شارىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا تەھدىت سالىدۇ» دېدى.

2054074
خاقان فىدان قاھىرەدىكى «قاھىرە تىنچلىق باشلىقلار يىغىنى» قاتناشقۇچىلىرىغا خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىنىستىر خاقان فىدان مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ۋە غەززەنىڭ ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىنغان «قاھىرە تىنچلىق باشلىقلار يىغىنى» قاتناشقۇچىلىرىغا نۇتۇق سۆزلىدى.

خاقان فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ 2 مىليون ئىنساننى ئىنسانلارنىڭ تۈرمۈش كەچۈرىشىگە ماس كەلمەيدىغان بىر رايوندا ئوچۇق-ئاشكارە تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى «تېرورلۇققا قارشى مۇداپىئە» دەپ ئاتاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنىڭ داۋاملىشىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. مەيلى پەلەستىنلىكلەرگە ياكى باشقىلارغا قارشى بۇ خىل جىنايەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلىشىگە كۆز يۇمالمايمىز. ئەگەر مۇشۇنداق داۋاملىشىۋەرسە، جۇغراپىيىلىك بىر ئەۋج ئېلىش بىلەن پۈتكۈل يەر شارىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىغا تەھدىت بولىدۇ» دېدى.

خاقان فىدان «(ئىسرائىلىيە-پەلەستىن توقۇنۇشى ئۈچۈن) يېڭى بىر كاپالەت مېخانىزمىنى قۇرۇپ چىقىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. تەرەپلەرنىڭ ئادىل بىر تىنچلىق ئۈچۈن تاشلايدىغان قەدەملىرىگە كاپالەتچە بەلگىلەش لازىم» دېدى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن قەدەم تاشلاشقا شۇنداقلا ئادىل ۋە بىخەتەر كەلگۈسى ئۈچۈن يەلكىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر