تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ئېلېكتىرونلۇق ۋىزىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئېلېكترونلۇق ساياھەت - زىيارەت ۋىزىسى بېرىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى.

2053996
تۈركىيە سەئۇدى ئەرەبىستان ئېلېكتىرونلۇق ۋىزىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، 2023 – يىلى 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن تارتىپ، تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ساياھەت – زىيارەت مەقسەتلىك ئېلېكترونلۇق ۋىزىسى بېرىلىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنڭدىن ئىلگىرى، تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېرىشتىن ئۈچۈن «چاپلىما ۋىزا» ئالىدىغانلىقى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.

يېڭى بەلگىلىمە دائىرىسىدە، ئادەتتىكى ۋە رەسمىي پاسپورتى بار تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ «https://visa.visitsaudi.com» تور بېتىدىن ساياھەت، سودا، ئۆمرە، ئائىلە زىيارىتى ئۈچۈن ئېلېكترونلۇق ۋىزىغا ئىلتىماس قىلسا بولىدىغانلىقى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئايرودروملاردىكى ئېلېكترونلۇق ۋىزا بوتكىلىرىدىن ياكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۈركىيەدىكى ۋاكالەتخانىلىرىدىن 360 كۈن ئىچىدە 90 كۈن تۇرغىلى بولىدىغان  «بىر» ياكى «كۆپ» قېتىم كىرگىلى بولىدىغان ۋىزا ئالالايدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئېلېكترونلۇق ۋىزا ئىلتىماسى ھەج پەرزىنى ئادا قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ھەج مەزگىلىدە ئېلېكترونلۇق ۋىزا بىلەن پەقەت مۇقەددەس رايونلارنىڭ سىرتىدىكى شەھەرلەرگە بارغىلى بولىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىمۇ دۆلىتىمىزگە قىلىدىغان ساياھەتلىرىدە ئېلېكترونلۇق ۋىزا، ماركا ۋىزا ۋە چېگرا ئېغىزلىرىدا ماركا ۋىزا قاتارلىقلارنى ئالالايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر