تۈركىيە ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا توغرىسىدىكى قارارىنى قارشى ئالدى
تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرىسىدىكى باياناتىنى «توغرا يۆنىلىشتە تاشلانغان بىر قەدەم» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز بولىۋارچى ۋېنېزۇئېلا جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئىتتىپاقلىق سۇپىسى ۋەكىللىكىدىكى ۋېنېزۇئېلا ئۆكتىچىلىرىنى 17- ئۆكتەبىر باربادوستا ئىمزالانغان <سىياسىي ھوقۇقنى قوللاش ۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ سايلاش – سايلىنىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش> توغرىسىدىكى كېلىشىملىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمىز» دېدى.
تۈركىيەنىڭ، زۆرۈر دەپ قارالغان تەقدىردە، 2024 – يىلى ۋېنېزۇئېلادا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلاملارنىڭ دېموكراتىك پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن كېلىدىغان شەكىلدە ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ئادىل ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ۋېنېزۇئېلا دائىرىلىرىگە ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «بىز ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قاراتقان جازالارنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرىسىدىكى باياناتىنى <توغرا يۆنىلىشتە تاشلانغان بىر قەدەم> دەپ قارايمىز» دېيىلدى.
باياناتتا يەنە: «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىر تەرەپلىمە جازالارغا قارشى پىرىنسىپال مەيدانىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، دوستىمىز ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا بۈگۈنمۇ يېنىدىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.
ئامېرىكا ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر 2024- يىلى سايلام ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغاندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە ئالتۇن ساھەلىرىگە قارىتىلغان بىر قىسىم جازالارنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.