تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

تۈركىيە غەززە رايونىغا ئەۋەتكەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان ھەربىي ئايروپىلانلار مىسىرغا يېتىپ باردى.

2050591
تۈركىيە غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەر تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى:

«تۈركىيە غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى ئەۋەتتى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بېسىلغان ھەربىي ئايروپىلانلار مىسىرغا يېتىپ باردى. بۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى مىسىردىن غەززەگە يەتكۈزۈلىدۇ.»

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتىمۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىلەن جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ يېتەكچىلىكى ئاستىدا تۈركىيە خەلقى تەرىپىدىن ئىئانە قىلىنغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ مەزكۇر ھەربىي ئايروپىلانلار ئارقىلىق غەززە ئاھالىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر