ئەردوغان پەلەستىن، ئىسرائىلىيە، لىۋان، قاتار ۋە مىسىر رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەلەستىن، ئىسرائىلىيە، لىۋان، قاتار ۋە مىسىر رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى.

2048657
ئەردوغان پەلەستىن، ئىسرائىلىيە، لىۋان، قاتار ۋە مىسىر رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن تېلېفونلىشىپ، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇش ۋە رايوندىكى جىددىيچىلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا سۆزلەشتى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ رايوندىكى زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش ۋە بالدۇرراق خاتىرجەملىك ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە لىۋان باش مىنىستىرى نەجىب مىقاتى بىلەن تېلېفونلىشىپ، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى يىتزاك ھېرزوگ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىندە داۋام قىلىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە رايوندىكى جىددىيچىلىككە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئۆزگرىىشلەرنى مۇزاكىرە قىلىندى.

غەززە خەلقىگە كوللېكتىپ ھالەتتە قارا - قويۇق زىيان يەتكۈزىدىغان ھەر قانداق بىر قەدەمنىڭ رايوندىكى زوراۋانلىق ۋە ئازاب- ئوقۇبەتنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، سوغۇققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە رايوننى بالدۇرراق خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل رايوننىڭ خاتىرجەملىكى  نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان توقۇنۇشقا خاتىمە بېرىپ، مەڭگۈلۈك تىنچلىققا كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەردوغاننىڭ قاتار ئەمرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىسرائىلىيە- پەلەستىن سۈركىلىشى سەۋەبىدىن رايوندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان توقۇنۇشلار مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئەردوغان يەنە مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى بىلەنمۇ تېلېفونلىشىپ، ئىسرائىلىيە- پەلەستىن جىددىيچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى مۇزاكىرە قىلدى ۋە جىددىيچىلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن، نېمىلەرنى قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى – ھاماس ھەربىي قانىتى بولغان «قەسسام بىرىگادىسى» شەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەگە قارشى «ئەقسا توپانى» ناملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، غەززەدىن ئىسرائىلىيەگە قارىتىپ مىڭلارچە راكېتامىيوت ئاتقان ۋە قوراللىق گۇرۇپپىلار رايوندىكى ئاھالىلەر رايونلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەنىدى.

ئارقىدىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن غەززەگە قارشى «تۆمۈر قىلىچلار» ھەرىكىتىنى قوزغىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان توقۇنۇش جەريانىدا ئىككى تەرەپتىن يۈزلەرچە كىشى تالاپەتكە ئۇچرىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر