تۈركىيە ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ ھېرات ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى.

2047971
تۈركىيە ئافغانىستاندىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافغانىستانغا تەزىيە بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، تۈنۈگۈن _7-ئۆكتەبىر) ھېرات ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن 6.3 بال يەر تەۋرەشتە 200 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى ۋە 1000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى قايغۇ ئىچىدە تاپشۇرۇۋالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «دوست ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز، جېنىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ ھەر دائىمقىغا ئوخشاش ئافغانىستانلىق قېرىنداشلىرىنىڭ يارىسىغا مەلھەم بولۇش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك ياردەملەرگە تەييار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر