ئەردوغان: تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش ئورۇنۇشلىرىغا باش ئەگمەيدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تۈركىيەنى بىر بولۇڭقا قىستىماقچى بولغانلارغا باش ئەگمەيدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

2047635
ئەردوغان: تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىش ئورۇنۇشلىرىغا باش ئەگمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن 4 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىدا ئاممىغا خىتاب قىلدى.

پارتىيەسىنىڭ 22 يىللىق تارىخىدا 17- قېتىملىق سايلام غەلىبىسى (5-ئايدىكى چوڭ سايلام)نى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولۇشلىرىغا قارىماي، تۈركىيەنى نىشانىغا يەتكۈزۈش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «بىز بىزنى قورقۇتماقچى بولغانلارغا پىسەنت قىلمايمىز. پەشلىرىنىڭ ئاستىدىن كالتەكلەرنى كۆرسەتكەنلەرگە يول قويمايمىز. تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن پايدىلىنىپ، بىزنى بىر بولۇڭقا قىستىماقچى بولغانلارغا باش ئەگمەيمىز. بىز تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى نېمىنى تەقەززا قىلسا، بەدىلىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى قىلىشتىن باش تارتمايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز تېررورىزمنى مەنبەسىدە تۇرغۇزۇپ يوقىتىش ئىستراتېگىيەمىزنى قەتئىيلىك بىلەن يولغا قويىمىز؛ پ ك ك، فەتۆ، دائېش قاتارلىقلار تۆككەن ھەر بىر تامچە قاننىڭ ھېسابىنى ھەسسىلەپ سورايمىز. بىز <بىر كېچىدە تۇيۇقسىزلا كېلىشىمىز مۇمكىن> دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىمىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا زىيان يەتكۈزمەكچى بولغانلارنىڭ قەلبىدە پەيدا قىلغان قورقۇنچنى ھەرگىز ئازايتمايمىز. ئوتتۇرا شەرقتىن كاۋكاز رايونىغىچە،  بالقان ئەللىرىدىن قارا دېڭىزغىچە بولغان جايلاردا تۆكۈلۈۋاتقان قاننىڭ توختىتىشى بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر