قۇرتۇلمۇش گانىرە پاشايېۋانىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى
تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسى باشلىقى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى گانىرە پاشايېۋانىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.
![قۇرتۇلمۇش گانىرە پاشايېۋانىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/8e39/6f05/2d75/6495312f00082.jpg?time=1718765686)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:نۇمان قۇرتۇلمۇش ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا تەزىيە تېلېگراممىسى تارقىتىپ: «مەن ئەزەربەيجاننىڭ قىممەتلىك پارلامېنت ئەزاسى گانىرە پاشايېۋانىڭ ۋاپاتىدىن خەۋەر تېپىپ، چوڭقۇر قايغۇردۇم. ياۋروپا پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرۈشكەن ئەزەربەيجان مىللىي مەجلىسى باشلىقى ساھىبا گافاروۋاغا تەزىيەمىزنى بىلدۈردۇق. مەرھۇمە پارلامېنت ئەزاسىغا ئاللاھتىن رەھىم – شەپقەت تىلەيمەن، ئائىلە – تاۋابىئاتلىرى ۋە قېرىنداش ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈرىمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718765687)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.
![ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/e0cb/10b5/a712/66713b2bde92e.jpg?time=1718765687)
ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى
ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.