ئەردوغان نەھچىۋاندا زىيارەتتە بولىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۈگۈن نەھچىۋاندا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.
2041566

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ نەھچىۋاندا كۆرۈشۈپ، تۈركىيە- ئەزەربەيجان مۇناسىۋىتى، قاراباغنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، ھەمدە رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرىدىكەن.
ئىلگىلىنىشىچە، ئەردوغان بىلەن ئەلىيېۋ ئىغدىر - نەھچىۋان تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىنىڭ ئۇل سېلىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇلغان نەھچىۋان ھەربىي رايونىنىڭ لىنتا كېسىش مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىدىكەن.