فىدان نيۇ يوركتا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

2040799
فىدان نيۇ يوركتا دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل بىلەن كۆرۈشتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرى ئالى ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلغان 78 – نۆۋەتلىك ئومۇمىي كېڭەش يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى، ئۇچرىشىشتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدە تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەر، ھەمدە قاراباغ كىرىزىسى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ نيۇ يوركتا چاقىرىلغان «كېلەر قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا تەيييارلىق يىغىنى» دا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلغانلىقى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېيىلدى: «مىنىستىر فىدان خىتابىدا دۇنيانى باشقۇرۇش تۈزۈمى مەسىلىسىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، كۆپ تەرەپلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىسلاھات مەسىلىسىدە تاشلىنىشقا تېگىشلىك قەدەملەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، بۇ ھەقتىكى ئەھدىلىرىمىزنى  يەنە بىر قېتىم تەكرارلىدى.»

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، خاقان فىدان نيۇ يوركتا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مىنىستىرلار دەرىجىلىك يىللىق ماسلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، فىدان لاتۋىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارتۇرس كارىنس، بېلارۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي ئالېينىك ۋە بەھرەيىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاتىف بىن راشىد ئەز زەييانى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.

فىدان يەنە تۈرك ئۆيىدە پاناما تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جانىنا تېۋانىي مېنكومو بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولغان.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا «سىياسىي مەسلىھەت مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا چۈشىنىش ئەسلەتمىسى» ئىمزالانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر