ئەردوغان نيۇيوركتىكى تۈركىيە ئۆيىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى

جۇمھۇر رەئىس  رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشىتراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى.

2040193
ئەردوغان نيۇيوركتىكى تۈركىيە ئۆيىدە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى قوبۇل قىلدى
erdogan-micotakis turkevi.jpg
malezya enver ibrahim-erdogan turkevi.jpg
erdogan abd ybahudi toplumu.jpg
g.afrika matamala cyril ramaphosa.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس  رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنىغا ئىشىتراك قىلىش ئۈچۈن بارغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى تۈرك ئۆيىدە گىرېتسىيە باش مىنىستىرى مىچوتاكسنى  قوبۇل قىلدى؛ ئۇچرىشىشقا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ۋە گىرېتسىيەلىك مەنسەپدىشى گىئورگوس گېراپېترىتىسمۇ قاتناشتى.

ئەردوغان بىلەن مىچوتاكس ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى نۆۋەتتىكى ئىجابىي كەيپىياتنى ساقلاپ قېلىش ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

5 - سېنتەبىر پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان مەسىلىلەرمۇ رەھبەرلەرنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىدى؛ ئەردوغان بىلەن مىچوتاكس ئۇ يىغىندا قارار قىلىنغان ئىككى دۆلەت ئالاقىسىگە مۇناسىۋەتلىك يول خەرىتىسى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى تەستىقلىدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ئۆكتەبىردە، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى يىغىنى 11 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

7 - دېكابىر گىرېتسىيەنىڭ سەلانىك شەھىرىدە تۈركىيە - گىرېتسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىككى رەھبەر تۈنۈگۈنكى ئۇچرىشىشى جەريانىدا يەنە رايون ۋە خەلقئاراغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

كۆچمەنلەر مەسىلىسىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئورتاق قىيىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن ئاساستا ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىندى.

ئەردوغان بىلەن مىچوتاكىس ئاق دېڭىز رايونىدىكى تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە كىلىمات كىرىزىسلىرى ھەققىدىمۇ سۆزلەشتى.

پۇقرالارنى قوغداش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كۈچەيتىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىچوتاكس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ھەر ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق بولۇشىنى تىلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئارقىدىن جەنۇبىي ئافرىقا پىرېزىدېنتى رامافوسا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىككى تەرەپلىك ۋە كۆپ تەرەپلىك مەۋجۇت مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش يولىدا تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

ئۇچرىشىشتىن كېيىن، ئەردوغان «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىلەن بولغان يېقىن ھەمكارلىقىمىزنى، شېرىكچىلىكىمىزنى ۋە ئىتتىپاقلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەنۋەر ئىبراھىمنى قوبۇل قىلدى. ئۇچرىشىشتا، رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەر شۇنداقلا مۇداپىئە سانائىتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا قاراپ تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىندى.

جۇمھۇر رەئىس يەنە نيۇيوركتىكى تۈركئۆيىدە ئامېرىكا يەھۇدىيلار جامائىتى چوڭ تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

ئەردوغان تۈرك ئۆيىدىكى ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن، ئامېرىكادىكى تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر