ئەردوغان ب د ت يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى بولۇشنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، بەش دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2039548
ئەردوغان ب د ت يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە داۋاملىشىۋاتقان 78 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئىشتىراكچىلىرىغا خىتاب قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ئورگانلار بۈگۈنكى دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرمەيدۇ» دېگەن سۆزىگە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «خەۋپسىزلىك كېڭىشى نۆۋەتتە دۇنيا بىخەتەرلىكىنىڭ كاپالىتى ئەمەس، بەلكى بەش دۆلەتنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ توقۇنۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى» دېدى.

ب د ت رەھبەرلىكىدە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى، تىنچلىقى ۋە پاراۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا مەسئۇل ئورگانلارنى تېزدىن قايتا تەشكىللەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان: «جۇغراپىيەسى ۋە نوپۇسى بىلەن دۇنيادىكى بارلىق مىللەتلەر، ئېتىقادلار، مەدەنىيەتلەرگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىر دۇنياۋى باشقۇرۇش بىناكارلىقى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك» دېدى.

ئۇ، 2022 - يىلى فېۋرالدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تۇتقا قىلغان ھالدا ئۇرۇشنى دىپلوماتىيە ۋە دىيالوگ ئارقىلىق ئاخىرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىگە يېتىۋاتقان ئەڭ ئېغىر تەھدىتنىڭ بۇ دۆلەتكە ئالاقىدار پىلانلىرى بار كۈچلەرنىڭ ئىلكىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا بېرىۋاتقان ئوچۇق - ئاشكارا ياردەملەر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سۈرىيە، ئىراق، ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە سەھرايى كەبىردىكى مەنپەئەتلىرىنى دەپ، دائېش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنى پىچكا قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ رىياكارلىقلىرىدىن زېرىكتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان پەقەت ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈنلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېررورلۇقتىن ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەردىن ئاغرىنىش ھوقۇقى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ئوتتۇرا شەرقتە مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئورنىتىشنىڭ پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنىڭ ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلىنىشى ئارقىلىقلا روياپقا چىقىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «1967 - يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان مۇستەقىل ۋە جۇغراپىيە جەھەتتە بىر گەۋدىلەشكەن بىر پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلماي تۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئارزۇ قىلىۋاتقان خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىككە ئېرىشىشى قىيىن» دېدى.

«بىزنىڭ ھېچكىم ھەققىدە نەزىرىمىز يوق ۋە ھېچكىمنىڭ بىزنىڭ ھوقۇقىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىشىغا يول قويمىدۇق ۋە يول قويمايمىز» دېگەن ئەردوغان، خەلقئارا جەمئىيەتنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە بۇ دۆلەت بىلەن دىپلوماتىك، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا چاقىردى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىق مۇساپىسى توغرىسىدا توختىلىپ: «بىزنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كۈتىدىغىنىمىز، دۆلىتىمىز ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىنى تېزدىن ئادا قىلىشى ۋە تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان ئەزمە پوزىتسىيەسىگە خاتىمە بېرىشىدۇر» دېدى.

ئەزەربەيجان - ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتى ھەققىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، ئۆزلىرىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت مۇساپىسىنى باشتىن - ئاخىر قوللاپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئەرمېنىيەنىڭ بۇ تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرمېنىيەنىڭ زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان،: «ھازىر ھەممە ئادەمنىڭ قوبۇل قىلغىنىدەك، قاراباغ ئەزەربەيجان زېمىنى. بۇنىڭدىن باشقا بىر سالاھىيەتنىڭ تېڭىلىشى قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر