تۈركىيە قاراباغدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە قاراباغدىكى تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە «ئەزەربەيجاننىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى زېمىندا زۆرۈر دەپ قارىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشى» دەپ باھا بەردى.
![تۈركىيە قاراباغدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/e6a4/3bbb/c353/629affde12360.jpg?time=1718826840)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجاننىڭ قاراباغ رايونىدىكى قانۇنسىز ئەرمېنىيە قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قوراللىق ھۇجۇم ۋە قۇتراتقۇلۇق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بۇنىڭغا قارىتا نۇقتىلىق ھالدا ئەسكىرىي ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىش نىشان قىلىنغان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوزغىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەزەربەيجاننىڭ ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى (2020) ئاخىرلاشقاندىن بۇيان توختىماي ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان ئالدىنقى سەپتىكى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك يوللۇق ۋە ئورۇنلۇق ئەندىشىسىنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «ئەزەربەيجاننىڭ ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقى دائىرىسىدىكى زېمىندا زۆرۈر دەپ قارىغان تەدبىرلەرنى يولغا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
باياناتتا يەنە: «بىز ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت مۇساپىسىنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشنى كۆزلىگەن ھالدا داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇقىملىق ئورنىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېيىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718826840)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718826840)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.