تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېرورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالى ۋە تۈركىيەنىڭ دىيارباركىر رايونلىرىدا تېررورچىلارغا زەربە بەردى.

2038774
تۈركىيە دۆلەت ئىچى - سىرتىدا تېرورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە «پەنچە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بايقالغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇرك ۋە «پەنچە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونلىرىدا بايقالغان پ ك ك ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى  ئۇقتۇردى.

باياناتتا، «تېررورچىلارنى  ئۇۋىسىدا ئۇجۇقتۇرۇش ئىرادىمىز قەتئىي» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دىيارباكىردىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئەزاسى تۆت تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىكايا ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا بايانات بېرىپ، دىيارباكىرنىڭ كۇلپ ناھىيەسى دالاسىدا تۆت تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر يەرلىكايا، تېررورچىلارنىڭ ئاتاك تىك ئۇچار ئايروپىلانى ۋە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىمۇ ئىشلىتىلگەن بىر قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە يوقىتىلغانلىقىنى قەيت  قىلىپ: «بىز كۈرىشىمىزنى ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر