تۈركىيە چېگراسىدا ھەم دائېش، ھەم پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قولغا چۈشتى

شانلىئۇرفانىڭ جەيلانپىنار ناھىيەسىدە سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرمەكچى بولۇۋاتقان بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى بىر تېررورچى قولغا چۈشتى.

2038502
تۈركىيە چېگراسىدا ھەم دائېش، ھەم پ ك ك ئەزاسى ئىككى تېررورچى قولغا چۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تېررورچىنىڭ سۈرىيەدىن تۈركىيەگە كىرىشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىغا دائىر ئىستىخباراتتىن كېيىن، چېگرا لىنىيەسىدە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى.

ئەترەتلەر بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان تېرورچىنى چېگرا لىنىيەسىدە نازارەتكە ئالدى. تېررورچىغا قارشى قانۇنىي رەسمىيەتلەر باشلىتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، خاتايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بىخەتەرلىك قىسىملىرى سۈرىيەدىن تۈركىيەگە قانۇنسىز ئۆتمەكچى بولغان بىر كىشىنى نازارەتكە ئالدى.

نازارەتكە ئېلىنغان كىشىنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر