تۈركىيەنىڭ ياۋروپا چېگرا ئېغىزلىرىدا يولۇچىلار رېكورتى يارىتىلدى

تۈركىيەنىڭ ياۋروپاغا بارىدىغان چېگرا ئېغىزلىرىدا يولۇچىلارنىڭ كىرىش-چىقىش رېكورتى يارىتىلدى.

2038322
تۈركىيەنىڭ ياۋروپا چېگرا ئېغىزلىرىدا يولۇچىلار رېكورتى يارىتىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ھەر قايسى ياۋروپا دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق مۇھاجىرلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيەدىكى يازلىق تەتىللىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرگە قايتتى.

مۇھاجىرلار ئىيۇن ئېيىدا مەكتەپلەرنىڭ تەتىل قىلىشى بىلەن بىرگە تۈركىيەگە كىرىپ-چىقىشتا ئەدىرنە ۋە قىرىقلارئېلى چېگرا ئېغىزلىرىنى  ئىشلەتتى.

بۇلغارىيەگە ئېچىۋېتىلگەن كاپكۇلە چېگرا ئېغىزى ئەڭ كۆپ ياقتۇرۇلغان چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

چېگرا ئېغىزلىرىدىكى زىچلىق سانلىق مەلۇماتلاردا ئەكس ئەتتى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 22- ئىيۇندىن 10-سىنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا، يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ زىچ يولۇچىلار كىرىش-چىقىش سانى ئىشقا ئاشقان.

بۇ يىل 27-ىيۇندىن 15-سىنتەبىرگىچە 646 مىڭ 896 ئاپتوموبىل بىلەن 2 مىليون 628 مىڭ 291 يولۇچى تۈركىيەگە كىرگەن، 619 مىڭ 499 ئاپتوموبىل بىلەن 2 مىليون 550 مىڭ 161 يولۇچى تۈركىيەدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر