فىرانسىيە بىلەن تۈركىيە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، تۈركىيە بىلەن فىرانسىيەنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتو ھەمدە رايون خاراكتېرلىك مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
2037989
![فىرانسىيە بىلەن تۈركىيە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/a941/7d0b/c900/640b1867256b3.jpg?time=1718906344)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرى بىلەن فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋەكىللىرىنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگ يىغىنى» ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا، تۈنۈگۈن پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن ھەققىدە: «ناتو، رايون خاراكتېرلىك مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى، بولۇپمۇ ئىككى تەرەپ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/828b/04e9/7c0a/666c1fc0b666e.jpg?time=1718906345)
تۈركىيە تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.