مىسىر ئەردوغان بىلەن سىسىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

مىسىر پىرېزىدېنتلىقى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 18-نۆۋەتلىك G20 دۆلەتلەر گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسدە ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇل فەتتاھ ئەل سىسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

2035442
مىسىر ئەردوغان بىلەن سىسىنىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: مىسىر پىرېزىدېنتلىقى باياناتچىسىنىڭ يازما باياناتىدا، يېڭى دېھلىدىكى ئۇچرىشىشىتا رەھبەرلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەردوغان بىلەن سىسىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلەر دائىرىسىدە شەرقىي ئاق دېڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشىدىغان شەكىلدە رايون خاراكتېرلىق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقلىرى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچرىشىشتا يەنە، تۈركىيە ۋە مىسىرنىڭ مەنپەئەتىلىرىگە ماس ھالدا ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى ھەر قايسى جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كېڭىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر