تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلار كاتتىباشلىرىدىن بىرىنى ئۇجۇقتۇردى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك نىڭ ئاتالمىش زاگروس مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولغان فەرىت يۈكسەل ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە- قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بىر تەرەپ قىلىندى.

2034797
تۈركىيە ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا تېررورچىلار كاتتىباشلىرىدىن بىرىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «ئىراقنىڭ شىمالىدىكى <پەنچە- قۇلۇپ> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى كۈرىشىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەسكەرلىرىمىز، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاتالمىش ​​زاگروس مەسئۇللىرىنىڭ بىرى بولغان شەرزان يالغان ئىسىملىك فەرىت يۈكسەلنى بىر تەرەپ قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر