دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيە، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالى قاتارلىقلار جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە 39 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

2034487
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 2015- يىلى 7- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن بۇيان 38 مىڭ 528 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ باياناتتا: «ئۆتكەن بىر ھەپتە ئىچىدە تۈركىيە، ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردا 39 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى،  1- يانۋاردىن بۇيان يوقىتىلغان تېررورچىلار سانى 1185 كە يەتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

مىنىستىرلىق ئەمەلدارى سۈرىيەنىڭ دەيرۇززۇر شەھىرىدە ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك تېررورچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش توغرىسىدا توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ سۇرىيەنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، سۈرىيەلىكلەرنىڭ بىخەتەر قايتىپ كېتىشى ۋە مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇش يولىدىكى خىزمەتلىرىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە باشتىن- ئاخىر دائېشقا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى باھانە قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك ياردەم بېرىشنىڭ قانچىلىك خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا: «يۈز بەرگەن ئەھۋاللار بىزنىڭ قاراشلىرىمىزنىڭ نەقەدەر ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى. ي پ گ / پ ك ك ۋە ئۇلارنىڭ گۇماشتىلىرى پەقەت دۆلىتىمىزنىڭلا ئەمەس، رايون خەلقى ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ... بىزنىڭ دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىن كۈتىدىغىنىمىز، ي پ گ / پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قىلىنىۋاتقان ياردەملەرگە خاتىمە بېرىپ، بىزنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىزنى ئەستايىدىل قوللىشىدۇر» دېيىلدى.

مىنىستىرلىق ئەمەلدارى، كەركۈكتىكى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن، كەركۈكنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزىدىغان پائالىيەتلەردىن يىراق تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، تۈركىيەنىڭ ئۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر