شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى يەرلىك ئۇسۇلدا ياساپ ئورۇنلاشتۇرغان بومبا پارتلاپ، بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

2033338
شىمالىي ئىراقتا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «پەنچە-قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ يەرلىك ئۇسۇلدا ياساپ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان بومبىسى پارتلاپ، ئوفېتسىر ئۈنال سىپاھىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، يەنە بىر ئەسكەرنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، يارىلانغان ئەسكەرنىڭ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر