ئىراقتا پ ك ك نىڭ سۇيىقەستچىسى  بىر تەرەپ قىلىندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە تەربىيەلەنگەن «رەزان بوتان» لەقەملىك رەزان گۈنگەن، ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىندى.

2031822
ئىراقتا پ ك ك نىڭ سۇيىقەستچىسى  بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت خەۋپسىزلىك مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى تۈركىيەگە قارشى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بېرىش ئېھتىماللىقى بار تېررورچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەقسىتىدە تەربىيەلەنگەن «رەزان بوتان» لەقەملىك رەزان گۈنگەن، ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان.

تۈركىيە مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى رەزان گۈنگەننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن «تۈركىيەنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرمەيدىغان رايون» دەپ قارىلىپ، ئىراقنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرى يېزىلىرىدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەنلىىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ئالاھىدە ھەرىكەت داۋامىدا بىر تەرەپ قىلغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رەزان گۈنگەننىڭ ئىلگىرى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سېپىدە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان يېقىن تۇغقانلىرىدىن «مۇرات بوتان» لەقەملىك بەھلۈل گۈنگەن ۋە «رۇكەن بوتان» لەقەملىك گۈلەر گۈنگەنمۇ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان.

رەزان گۈنگەننىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئىراقتىكى مەھمۇر لاگېرىدا تۇرغانلىقى، پ ك ك نىڭ  ياشلار قارمىقىدا تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ۋان ۋىلايىتىنىڭ ئۆزالپ ناھىيەسى يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىنغان.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى يەرلىقايانىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىغا قارىغاندا، ۋان ۋىلايىتىنىڭ ئۆزالپ ناھىيەسى يېزىلىرىدا ساقچى ئىدارىسى ئىستىخبارات باشقارمىسىنىڭ ئاخبارات خىزمىتى ئىشلىشى نەتىجىسىدە، ۋان ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم بىخەتەرلىك كورپۇسى قوماندانلىق ئىشتابى، ۋان ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە «شېھىت لېيتېنانت ھارۇن پارلاق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» ئېلىپ بېرىلغان.

قوراللىق ساقچى قىسىم قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترەتلىرى ۋە ساقچى ئالاھىدە ئەترەتلىرى ئىشتىراك قىلغان زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋامىدا، ئىككى تېررورچى  بىر تەرەپ قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر