بۈگۈنكى تۈركىيە - گابون ئوتتۇرىسىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بۈگۈن گابونغا قاتنىشى ئالدىن پىلانلانغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.
2030559
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، گابوندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان كوچىغا چىقىشنى چەكلەش بۇيرۇقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بۈگۈن قاتنىشى پىلانلانغان «TK-587 ئىستانبۇل- لىبرېۋىل، «TK-587 لىبرېۋىل – پوئىنت نوئىرې» ۋە «TK-587 پوئىنت نوئىرې - ئىستانبۇل» نومۇرلۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش پىلانلىرىنىڭ ئۆزئارا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.