تاتار تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گۈراكنى قوبۇل قىلدى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مەتىن گۈراكنى قوبۇل قىلدى.

2029870
تاتار تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گۈراكنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس تاتارنىڭ لەفكۇشادا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ياسىماقچى بولغان پىلە - يىگىتلەر يولىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى توغرىسىدا توختىلىپ، «ئۇچقۇچى جەنگىز توپەل ئۆلتۈرۈلگەندە، يېزىلاردا تۈركلەر ئۆلتۈرۈلگەن قىرغىنچىلىقلار يۈز بەرگەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قەيەردە ئىدى؟» دەپ سورىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تاتار ئۆزلىرىنىڭ پىلەدىكى ئاممىنىڭ كۈلپەتلىرىگە خاتىمە بېرىشتەك ئىنسانپەرۋەر مەقسەتتە مەقسىتىدە يول ياساشنى پىلانلىغانلىقلىرىغا ئىشارەت قىلىپ، رۇملارنىڭ پىلەدە يول، بىنا ۋە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرغانلىقىنى، ئەمما تۈركلەر يول ياسىماقچى بولغاندا، نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكىنى، بۇنىڭ قوش ئۆلچەم قوللىنىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس تاتار، قارشى تەرەپنىڭ مۇددىئاسىنىڭ پىلەدىكى تۈرك نوپۇسىنى ئازايتىپ، ئىككى خەلق ئارىلىشىپ ياشاۋاتقان كەنتنى پۈتۈنلەي رۇم كەنتىگە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەرقىي ئاق دېڭىزدىكى تۈرك دۆلىتى — شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بىلەن دېڭىزدىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرگەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان تاتار، قىبرىستا بىر كېلىشىم تۈزۈلىدىغان بولسا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇ كېلىشىمنىڭ بىر پارچىسى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ بارلىقىنى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ كۈزەتكۈچى ئەزاسىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گۈراكمۇ كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، «قىبرىس تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر مىللىي مەسىلە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت قىبرىس تۈركلىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغانلىقىنى، قىبرىس تۈرك خەلقىنى ۋە ئۇنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ پىلەدىكى پۈتۈنلەي خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا باشلانغان يول ياساش  قۇرۇلۇشىغا تۇتقان بىتەرەپلىك پىرىنسىپىغا خىلاپ پوزىتسىيەسىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، لىماسولدىكى كۆپرۈلۈ ھاجى ئىبراھىم ئاغا جامەسىگە قىلىنغان قەبىھ ھۇجۇمنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر