فىدان كىيېۋنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار خاقان فىدان ئۈچ كۈنلۈك ئىراق زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئۇكرائىناغا يېتىپ باردى.

2029298
فىدان كىيېۋنى زىيارەت قىلدى
hakan fidan kiev ukrayna.jpg
ukrayna andriy yermak-hakan fidan.jpg
zelenskiy-hakan fidan.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پايتەخت كىيېۋدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي تەرىپىدىن ھۇزۇرىدا قوبۇل قىلىندى.

پىرېزىدېنت زېلېنسكىي كۆرۈشۈشتىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر خاقان فىدان زىيارىتى رامكىسىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ باشلىقى ئاندرىي يېرماك بىلەنمۇ كۆرۈشتى.

بۇ زىيارەت، خاقان فىداننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىدە ئۇكرائىنادا ئەمەلگە ئاشۇرغان بىرىنچى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

2022-يىلى 24-فېۋرال ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، تۈركىيە ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئوينىغان مۇرەسسەچىلىك رولى بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا چىقتى.

قانات يايدۇرۇلغان دىپلوماتىك خىزمەتلەر نەتىجىسىدە تەسىس قىلىنغان ئاشلىق كارىدورى، ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو يىرىكچىلىكىنى ئازايتىلىشىغا مۇھىم ھەسسىلەرنى قوشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر