فىدان ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابباسى بىلەن كۆرۈشتى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان باغدادتا ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سابىت ئابباسى بىلەن كۆرۈشتى.
![فىدان ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئابباسى بىلەن كۆرۈشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/f805/3214/c1b9/64e6b9ea5360c.jpg?time=1718828124)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىلگىرىكى ئىسمى Twitter بولغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئىراق زىيارىتى دائىرىسىدە باغدادتا ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سابىت ئابباسى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر فىدان 22-ئاۋغۇست (2023) كۈنى ئىراق زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنى پايتەخت باغدادتا ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشكەنىدى.
فىدان 23-ئاۋغۇست كۈنى ئىراق پىرېزىدېنتى ئابدۇللاتىف رېشىت، ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەسسۇدانى، ئىراق پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد خالبۇسى، مالايشىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زامبرى ئابدۇلقادىر، ئىراق تۈركمەن فىرونتى (ITC) رەھبەرلىرى، ئىراق تۈركمەنلىرىنىڭ جامائەت ئەربابلىرى، ئىراق ئىگىلىك ھوقۇق ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ھامىس خەنچەر، فەتىھ ئىتتىپاقىنىڭ رەھبىرى ھادى ئامىرى، مىللىي ھېكمەت ئېقىمى رەھبىرى ئەممار ئەلھېكىم، ئىراقنىڭ سابىق باش مىنىستىرى، قانۇن دۆلىتى بىرلەشمىسىنىڭ رەھبىرى نۇرى ئەلمالىكى ۋە ھەشدى شەئبى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فالىھ ئەلفەيياد قاتارلىقلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانىدى.
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىداننىڭ ئەربىلگە بېرىپ، ئىراق كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/17dc/85c7/62ef/667274aa8f555.jpg?time=1718828124)
ئەردوغان پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن تېلېفونلاشتى.
![تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/6e67/9b77/98a9/66716af7bff4b.jpg?time=1718828124)
تۈركىيە ئەزەربەيجاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا
تۈركىيە دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاننىڭمۇ كېلەچىكى ئۈچۈن ھەمنەپەس بولماقتا.