ھاقان فىدان ئىراقتىن پ ك ك نى رەسمىي يوسۇندا تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىزگۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان ئىراقتىن دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى  پ ك ك نى رەسمىي يوسۇندا تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىزگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

2028023
ھاقان فىدان ئىراقتىن پ ك ك نى رەسمىي يوسۇندا تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىزگۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان ئىراق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇئاد ھۈسەيىن بىلەن ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆكتۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سۆز قىلدى.

ئىراقلىق مەنسەپدېشى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ناھايىتى كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ھاقان فىدان، بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تېمىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

ھاقان فىدان پ ك ك نىڭ ئىراقنىڭ سىنجار، مەھمۇر، قاندىل ۋە سۇلەيمانىيە قاتارلىق نۇرغۇن يېزىلىرىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى چېگرالارنى كۆرمەسكە سالغان ھالدا قۇرغان تېررورلۇق كارىدورى ئارقىلىق بۇ ئىككى رايوننى بىرلەشتۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مىنىستىر ھاقان فىدان تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتە ئىراق بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئېمپىرىيالىست كۈچلەرنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلانغان پ ك ك غا قارشى ئىراقلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەر سەۋىيەدىكى كۈرىشىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. بىز ئىراقنىڭ دوستلۇق ۋە قېرىنداشلىقىمىزنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە پ ك ك نى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىسمىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى پ ك ك، مەيلى دائېش، ئىراقنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە سىياسىي بىرلىكىگە قەست قىلىدىغان،  ئىراقلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە پاراۋانلىقىغا كۆز تىكىدىغان، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىۋاتقان ھەر تۈردىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشتە ئىراق بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر