ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن قورال - ياراغ قولغا چۈشۈرۈلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە- قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا، تېررورچىلارنىڭ نۇرغۇن قورال ۋە ئوق-دورىلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.

2025039
ئىراقنىڭ شىمالىدا نۇرغۇن قورال - ياراغ قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى «پەنچە- قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىز قوغلاش ۋە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە، تېررورچىلارنىڭ 34 مىڭ  560 دانە «AK-47» تىپلىق پىيادىلەر مىلتىقى، 440 دانە 7.62 مىللىمېتىرلىق «PKMS» ئاپتوماتىك قورال، 1588 دانە دوچكا، 25 دانە «7RPG» تانكا ئاتار، 2 دانە «7RPG» راكېتامىيوت، 20 دانە «7RPG» تىپلىق قورال قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر