فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈنۈگۈن (31-ئىيۇل) چاقىرىلىپ، قۇرئان كەرىمگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملار مۇزاكىرە قىلىنغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 18 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە كېڭەش يىغىندا سۆز قىلدى.

2018479
فىدان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، مىنىستىر فىداننىڭ ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 18- نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «مىنىستىرىمىز خاقان فىدان يېقىنقى مەزگىللەردە ياۋروپادا مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە — دۆلىتىمىزنىڭمۇ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن— چاقىرىلغان ئسىلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 18 – نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە يىغىنىغا قاتنىشىپ سۆز قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر