ھاقان فىدان جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مۇھىم مۇزاكىرىلەردە بولدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاقان فىدان جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پارك جىن بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى يېڭى خەلقئارالىق دىنامىكا ئاساسىدا قانداق قىلىپ كۈچەيتكىلى بولىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلدى.

2017698
ھاقان فىدان جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن مۇھىم مۇزاكىرىلەردە بولدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى:  ھاقان فىدان پايتەخت ئەنقەرەدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېلىپ بارغاب ئۇچرىشىتىن كېيىن پارك جىن بىلەن بىرلەشمە ئاخبارات قىلىش يىغىنى چاقىردى.

ھاقان فىدان خەلقئارا سىستېمىدا يېڭى گېئوپولىتىكىلىق ۋە جۇغراپىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، ئاسىيانىڭ بۇ ھەرىكەتلىنىشنىڭ دەل قەلبىدە ئورۇن ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

ھاقان فىدان 5 ئەسىردىن كېيىن ئاسىيانىڭ دۇنيانىڭ قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىش، تېخنىكا، يېڭىلىق يارىتىش ۋە سودا مەركىزىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ مەركىزى ئورنىنى يوقۇتۇپ قويىشىغا ئەگىشىپ، دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ شەرققە يۆتكەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھاقان فىدان بۇ تەرەققىياتلارنىڭ ئاسىياغا نىسبەتەن قىزىقىش ۋە رىقابەتنى ئاشۇرغانلىقىنى تەكىتلەپ، جەنۇبىي كورېيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ھاقان فىدان: «بۈگۈن بىز ئىمزالىغان يول خەرىتىسى بىزنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى ئورتاق ئىرادىمىزنىڭ بەلگىسىدۇر. تەخمىنەن 1.5 يىل ئىنچىكىلىك بىلەن ئىشلەنگەن يول خەرىتىسى مۇناسىۋىتىمىزنىڭ تۈزۈم رامكىسىنى شەكىللەندۈردى. ئۇچۇر -ئالاقىدىن قاتناشقىچە، سەھىيەدىن تېخنىكاغىچە، مائارىپتىن مەدەنىيەتكىچە ۋە تەنتەربىيەدىن دېھقانچىلىققىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە  بىز تاشلايدىغان قەدەملەرنى بىر پۈتۈن شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان بولدۇق» دېدى.

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى «دىنامىك تۈركىيە-جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يول خەرىتىسى» ناملىق يول خەرىتىنى ئىمزالىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر